ebettl heqayiq-ilim pen

24

Click here to load reader

Transcript of ebettl heqayiq-ilim pen

Page 1: ebettl heqayiq-ilim pen

دەۋىر ئىلكىتابلىرى-دەۋىر بىلوگى

ئەتەبەتۇلھەقايىق" داستانىدا ئىپادىلەنگەن ئىلىم – مەرىپەت توغرىسىدىكى قاراشالر"

 

 

 

غاپپار روزى

 

 

 

ئەتەبەتۇلھەقايىق" )"ھەقىقەت ئىشىكى"( قاراخانىالرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر "     ۋەكىل ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن يىتۇك شائىر ۋە فازىل ئالىم ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكىنىڭ

. خاراكتېرلىك مەشھۇر داستانى

 

داستان مەزمۇن جەھەتتىن ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى ، تۈزۈلۈش جەھەتتىن شېئىرىي ، خاراكتېر     جەھەتتىن دىداكتىك ، ئۇسلۇب جەھەتتىن شەرق ئەدەبىياتىنىڭ ئۇسلۇبىنى ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كالسسىك

ۋە ئۇسلۇبىنى ئۈلگە ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى نامايان قىلغۇچى "قۇتادغۇبىلىك"نىڭ مەزمۇن ،2 بابلىق 14ۋەزىننىڭ مۇتەقەرىب بەھرىدە يزېىلغان قىلىپ ، ساپ قەشقەر )خاقانىي( تىلىدا ئارۇز

، قاراخانىالرنىڭ ئاخىرقا دەۋرىدىكى كۈنسېرى گۈللىنىۋاتقان ئۇيغۇر – ئىسالم 3 مىسرالىق 484 . ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان تارىخىي ئەھمىيەتلىك داستان

 

داستاننىڭ ھازىر ئىستانبولنىڭ ئاياسۇفىيە كۈتۈپخانىسى بىلەن توپقاپى ساراي كۈتۈپخانىسىدا     نۇسقىسى : قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەب   ساقالنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى

نۇسقىسى : نوقۇل ئەرەب يېزىقىدا   يېزىقىدا قۇرمۇ قۇر پاراللېل قىلىپ كۆچۈرۈلگەن4 نۇسقىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل نۇسقىسى بار   كۆچۈرۈلگەن .

 

دەپ ئاتىغانىدى . ئەسەر ئىلىم 5ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى ئۆز داستانىنى "تۈركىي كىتاب"      نۇسقىلىرىغا بېرىلگەن نامىغا ئاساسەن     دۇنياسىغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن ، داستاننىڭ

   "ھىبەتۇلھەقايىق" )"ھەقىقەتلەر سوۋغىسى"( دەپ ئاتىلىپ كېلىنگەن ، ئەمما كېيىن ئەسەرنىڭ نۇسقىلىرىغا قارىغاندا كونىراق ھەم مۇكەممەل بولغانلىقى ئۈچۈن "ئەتەبەتۇلھەقايىق"    نۇسقىسى

دەپ ئاتاش داستان مەزمۇنىغا ھەم باب ھەم ئۇيغۇن كەلگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نام ئىلگىرىكى كونا ناملىرىغا قارىغاندا بىرقەدەر ئىلمىي ، كونكرېت ، جەلبكارلىقى كۈچلۈك بولغان . شۇڭا ئەسەر . ھازىر ئىلىم دۇنياسىدا مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كېلىنمەكتە

Page 2: ebettl heqayiq-ilim pen

 

ۋە ئۇيغۇر ئىسالم ئەدەبىياتىغا خاس ئەنئەنىگە داستان شەرق ئەدەبىياتىنىڭ كىتاب يېزىش     ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئالدىنقى تۆت بابى – كىرىش قىسمى )ياكى

. بابى ئاساسىي مەزمۇن قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ10ھەمدۇ – سانا قىسمى(نى ، كېيىنكى

 

ۋە خاراكتېر داستاننىڭ ئومۇمىي خاھىشى ۋە تېماتىك مەزمۇنىدىن قارىغاندا ، داستان مەزمۇن      جەھەتتە پەلسەپىۋى ھەم دېداكتىك ئاالھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ، شۇڭا ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەنئىدىيىۋى مەزمۇن ئابستراكت ئەخالقىي ئۇقۇم دائىرىسىدە گەۋدىلەنگەن . ئوبيېكت كۆپرەك

ۋە مېرىكىلىق يول بىلەن سۈرەتلەنگەن . مۇئەللىپنىڭ ئىجتىمائىي ، سىياسىي ، ئەخالقىي ، پەلسەپىۋى ئېستېتىك قاراشلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر داستانچىلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكىللىرىدىن بولغان تۇتاش

ۋەقە لېنىيىسى ، ئۆتكۈر توقۇنۇش ، كونكرېت ساالھىيەتلىك شەخس ئوبرازى يارىتىش كەتكەنۋە شەكلى ئارقىلىق ئەمەس ، بەلكى داستاندا ئاساسلىق قاتارلىق بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسلۇبى

ۋە ئەخالقىي   چوڭ ئىجتىمائىي ، سىياسىي10سۈرەتلەنمەكچى بولغان تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىنى دەۋر قىلغان ھالدا ئىپادىلەنگەن . ماكرو جەھەتتە دېداكتىزم شەكلىنى ، كونكرېت ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئوخشىتىش ، سىموۋۇلالشتۇرۇش ، سېلىشتۇرۇش ، مۇبالىغە ،

ۋاسىتىلەر كىنايە . . . قاتارلىق ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەر بىلەن ئىسىم ۋە پېئىلگە ئائىت مەجازۋە ئىستېتىك قاراشلىرىنى قوللىنىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ ئەخالقىي ، پەلسەپىۋى

خۇددى ئە . ي . بىرتىلىس بۇ داستان ئۈستىدە توختىلىپ : "ئەرەب – پارس شېئىرىيىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان شەكىللەر داستاندا كەمدىن – كەم ئۇچرايدۇ . بۇ شەكىللەرمۇ سخۇالستىكا

دېگىنىدەك ،ئىپادىلەشتە فولكلور ، 6)مەدىرىسە پەلسەپىسى ( دىن ئېلىنغان بولسا كېرەك ." . تەجىنىس ، تۇيۇق قاتارلىق شېئىرىي شەكىللەردىنمۇ ماھىرلىق بىلەن پايدىالنغان

 

ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى داستانىدا يورۇتماقچى بولغان ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى پىكىرلىرى بىلەن ئېستېتىك چۈشەنچىلىرىنى نوقۇل ئەخالق كاتېگورىيىسىدىكى مەسىلىلەر قاتارىغا قويمايدۇ ھەم ئۇنى قۇرۇقتىن قۇرۇق سۈپەتلىمەيدۇ ، بەلكى رېئال ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋى مەسىلىلەر تىپىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ، خېلىال دېموكراتىك بولغان پىكىر ۋە قاراشلىرىنى داستاندا سىنتىز ھېسابالنغان ئىلىم – مەرىپەت پەزىلەت ساھىبى بولۇشتەك يېتەكچى مەزمۇنغا باغالپ ھەم داستاننىڭ باشتىن – ئاخىر

 مەزمۇنىغا سىڭدۈرۈپ ، ئىلىم – مەرىپەت ساھىبى بولۇشنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى پەلسەپەنۇقتىسىدىن ئىخچام شېئىرىي مىسراالر ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ . كىشىلەرنى ئىلىم – بىلىم ئىگىلەپ مەرىپەتلىك بولۇش ئۈچۈن ئۆگىنىشكە چاقىرىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي ئەخالق نورمىلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ ، مەردلىك ، ئادىللىق ، كەمتەرلىك ، كەڭ قورساقلىققا ئوخشاش ئېسىل ئەخالقىي پەزىلەتلەرنى قىزغىن مەدھىيلەپ ، بۇنىڭغا زىت ھالدا جاھىللىق ، نادانلىق، خەسىسلىك ، ھەسەتخورلۇق ، يالغانچىلىق ، كاززاپلىققا ئوخشاش ناچار ئىللەتلەرنى ئۆتكۈر

 ۋە مەسخىرە قىلىدۇ . قىسقىسى ، داستاندا شائىرنىڭ يومۇرىستىك تىل بىلەن قاتتىق ئەيىبلەيدۇۋە ئېستېتىك قاراشلىرى ۋە تەسىرلىك مۇالھىزىلىرى "قۇتادغۇبىلىك" ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى

داستانىدىكىدەك بەدىئىي ئوبراز ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇنچىلىك دەرىجىدە ئىپادىلەنمىگەن "بىلىم ، ئەخالق ، ئادالەت" چۈشەنچىسى لېرىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ،  بولسىمۇ ، ئەمما

ئابستراكت ئەخالقىي ئۇقۇم دائىرىسىدە ئىپادىلەنگەن ، بۇ خۇددى قىزىل يىپتەك داستاننىڭ باش – ئاخىرىغا قەدەر تارتىلغان . بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى ئىلىم – مەرىپەت ، پەزىلەت قارشى ۋە تەرەققىپەرۋەرلىك سىمۋولىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن روشەن گەۋدىلىنىپ ، پۈتكۈل داستاننى جەۋاھىراتتەك جۇالالندۇرغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىلىك ئەخالقىي پەزىلەت نورمىلىرىغا ئۇيغۇن

ۋە رەزىللىكلەرنى قىلىشتىن يانمايدىغان ناچار بولمىغان مال – دۇنيا ئۈچۈن ھەممە پەسكەشلىك . خاھىش ، ئىللەتلەرنى تەنقىدلىگەن

 

Page 3: ebettl heqayiq-ilim pen

داستاندا ئىپادىلەنگەن يۇقىرقىدەك رېئال ھەم تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر    تەپەككۇر ، تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ مۇۋاپىق ، مەنتىقىسى كۈچلۈك ، پىكىرلىرىنىڭ يېڭىلىقى بىلەن بايان . قىلىنىپ ، داستاننى تولىمۇ يۇقىرى ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە قىلغاندۇر

 

شائىر ، ئەدىب ئەھمەد داستاندا نۇقتىلىق قىلىپ "ئىلىم ، ئەخالق ، ئادالەت" چۈشەنچىسىنى     بولسىمۇ ، بولۇپمۇ  ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك قىممەتكە كۆتىرىپ ئىپادىلىگەن

ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەرىپەتلىك بولۇش ، ئىلىم – بىلىم ئۆگىنىشتەك "ئىلىم – مەرىپەت" توغرىسىدىكى ۋە كۈچلۈكلىكى تەرەققىپەرۋەر ئىلغار قارىشى ئىلمىي مۇالھىزە ، مەنتىقە شەكىللىرىنىڭ مۇۋاپىق

بىلەن تەسىرلىك مىسراالردا يارقىن ئىپادىلەنگەن . مانا بۇ شائىرنىڭ تەرەققىپەرۋەر ئىلغار قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى ھەم داستاننىڭ تېماتىك مەزمۇنىغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغۇچى تېما . ھېسابلىنىدۇ

 

شۇڭا مەن ماقالەمدە ، بۇ خاس تېما ئۈستىدە سنكىرتىك )ئارىالشما( نۇقتىسىدىن ئەمەس ،   بەلكى دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ھېس قىلغان ھەم ئىزدەنگەنلىرىم ئاساسىدا ئۆز قارىشىمنى

ۋە خاس تېما ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، تەتقىقات ئېلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ ، پۈتۈن داستان مەزمۇنى . بېرىۋاتقان ئىلىم ئىگىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى كۆزدە تۇتماقچىمەن

 

بىزگە مەلۇمكى ، شەرق مەدەنىيەت تارىخى ، چۈملىدىن تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتى    ۋاراقالپ كۆرسەك ، قاراخانىالرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى سەھىپىلىرىنى

ئاتاقلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى ھەم گىنئال ئەسەر "ئەتەبەتۇلھەقايىق" داستانىنىڭ مۇئەللىپى ئەدىب ۋە ئۇيغۇر كالسسىك ئەدەبىياتى ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى خۇددى شەرق كالسسىك ئەدەبىياتى

تارىخىدا مەشھۇر بولۇپ تونۇلغان ئىنسىكىلوپىدىك ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلىرىمىزدىن ئەبۇ نەسىر فارابى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇد قەشقىرىدەك چەكسىز ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە . شۇڭا شائىر ئۆز دەۋرىدىال يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئالىم ، يازغۇچى ، شائىرالرنىڭ ئەدەبىي

ۋە ۋارىسلىق قىلىپ بەدىئىي مېتود ، ئۇسلۇب ئىجادىيەت ئىزىدىن مېڭىپ ، ھەم ئىدىيىسىگەئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى ، ئىلىم – مەرىپەت ، پەزىلەت توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ پۈتكۈل ئېستېتىك غايىسى ، قاراشلىرىنىڭ ئىچىدە روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ھەم كۈچلۈك تەسىرچانلىققا ئىگە مەزمۇن "ئىلىم – مەرىپەت" بولۇپ ، بۇ شائىرنىڭ ئىجتىمائىي ، ئەخالقىي ، ئادالەت چۈشەنچىلىرىنىڭ ئاساسىي سۈپىتىدە "ئەتەبەتۇلھەقايىق" داستانىنىڭ ئالتىنچى بابىدا ئاالھىدە ئورۇن بېرىپ ، بۇ خاس تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىلىمنىڭ

ۋە بىلىم ئۇ بىلىم ئۆگىنىش پايدىسى ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىدۇ .ئىگىلەشنىڭ خاسىيىتى ، بىلىمسىزلىك ، نادانلىقنىڭ ئېغىر زىيىنىنى روشەن سېلىشتۇرۇپ ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدۇ . شۇنداقال "ئىلىم – مەرىپەتلىك " بولۇشنى پەلسەپىۋىلىكى بىرقەدەر كۈچلۈك ، مەزمۇنى چوڭقۇر شېئىرى تىل ئارقىلىق ئىخچام ئىپادىلەپ ، تەشەببۇس قىلماقچى بولغان ئىجتىمائىي

ۋە ئېستېتىك قاراشلىرىنى "ئىلىم – مەرىپەت" سىمۋولىدا يۈكسەك دەرىجىدە ، ئەخالقىي . گەۋدىلەندۈرىدۇ ھەم يۇقىرى باھااليدۇ

 

شائىرنىڭ يۇقىرقىدەك قاراشلىرى مۇجەسسەملەنگەن تەرەققىپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى     قاراخانىالرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىد

 

Page 4: ebettl heqayiq-ilim pen

ىكى ئىجتىمائىي ، سىياسىي ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، تەھلىم قىلساق ، شۇ چاغدىكى قاراخانىالر سۇاللىسىنىڭ ئىچكى – تاشقى ۋەزىيىتى غەربىي لياۋ ، چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنىڭ ئىستىالچىلىق يۈرۈشلىرى تۈپەيلىدىن زىددىيەت – توقۇنۇشالر بىرقەدەر كەسكىنلەشكەن ، خانلىق زاۋاللىق گىردابىغابېرىپ قالغان ، تىل جەھەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى )خاقانىيە تىلى( ئەرەب – پارستىللىرىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچراشقا باشلىغان ، "چاغاتاي تىلى" دەپ ئاتالغان يېقىنقى زامان

ۋاقىتتا ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى شەكىللىنىشكە باشلىنىۋاتقان بىر چاغ ئىدى . شۇ ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ ، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھەم قاراخانىالر

ۋەكىللىرىدىن سۇاللىسىنىڭ گۈللىنىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق بولغان ئۇلۇغ ئالىم ،مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ئىزىدىن مېڭىپ ، ئۇنىڭتەرەققىپەرۋەر ، مەرىپەتپەرۋەر ئىدىيىۋى تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ، خانلىقنىڭ ئىچكى – تاشقى بوھرانىنى يەڭگىللىتىش ، قىسقىسى ، خانلىقنى ھاالكەت گىردابىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن خانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا )ئىمتىيازلىق تەبىقە ئىچىدە ( يۈز بەرگەن ھوقۇق ، مال – دۇنيا تالىشىشتىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش – جېدەل ، قىرغىنچىلىقالرغا ، ئىلىم – مەرىپەت ئورنىنى بىلىمسىزلىك ، نادانلىق ، قاراملىق ئىگىلىگەن رەزىل ھالەتكە خاتىمە بېرىپ ، خانلىقنى ئوڭشاش ، جەمئىيەتتە مۇقىملىق ، خەلققە ئاسايىشلىق تۇرغۇزۇش الزىملىقىنى ھۇشيارلىق بىلەن سەزگەنىدى .

ۋە تەلىپى بويىچە ھۆكۈمرانالردىن ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى شۇڭا مەرىپەتپەرۋەر شائىر تۆۋەتتىكىتارتىپ پۇقراالرغىچە ئىلىم ئۆگىنىش ، مەرىپەتلىك بولۇش ، پەزىلەت تىكلەش ،ئەقىل – ئىدراك بىلەن

ئېستېتىك قارىشىنى خىتابەتلىك يوسۇندا ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئىش كۆرۈش دېگەن ئىدىيىسى بىلەنشېئىرى مىسرالىرى ئارقىلىق بايان قىلدى . ئۇنىڭ بۇ خىل تەرەققىپەرۋەر ھەم مەرىپەتپەرۋەر ئىدىيىسى ئەينى دەۋردىكى قاراخانىالر جەمئىيىتى ئۈچۈنال ئەھمىيەتلىك بولۇپ قالماستىن ، بەلكى

ۋە ئۇلۇغ ئىستىكى ئىكەنلىكى ئەتراپتىكى فېئودال خانلىقالردىكى خەلقلەرنىڭمۇ ئورتاق ئارزۇسى . تولۇق ئىپادىلەنگەن

 

شۇنى تەكىتلەش مۇمكىنكى ، ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ئىلىم – مەرىپەت تەشەببۇس قىلىنغان    دىداكتىك داستانىنىڭ ئەينى دەۋردىال ئاۋام خەلقنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشى ھەم زۆرۈر ئوقۇشلۇق سۈپىتىدە قولدىن قولغا ئۆتۈپ كۆچۈرۈلۈشى ، كېيىنكى دەۋرلەردە مەسچىد – مەدرسلەرنىڭ بىلىم تەھسىل قىلىش ،ئەخالق نورمىلىرىنى تەڭشەشتىكى مۇھىم ئوقۇشلۇقى قاتارىغا كىرىشى يۇقىرىقى . نۇقتىنى جانلىق ئىسپاتاليدۇ

 

شائىرنىڭ تۆۋەندىكى مىسرالىرى ئۇنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى نامايان قىلىدۇ .    7مەسىلەن :

 

، . بىلىگدىن ئۇرۇرمەن سۆزۈمكە ئۇال41ئەسلىسى :

 

.بىلىگلىگكە يا دوست ئۆزەڭنى ئۇال                

 

، بىلىگ بىرلە بۇلنۇر سەئادەت يولى               

 

Page 5: ebettl heqayiq-ilim pen

. بىلىگ بىل سەئادەت يولىنى بۇال               

 

، يەشمىسى : )سۆزۈمگە بىلىمدىن ئاساس سالىمەن

 

، ئەي دوستۇم ، بىلىملىككە ئۆزۈڭنى باغال

 

، سائادەت يولى بىلىم بىلەن ئېچىلىدۇ

 

). بىلىم ئال ، سائادەت يولىنى ئاچ

 

، . بەھالىغ دىنار ئول بىلىگلىگ كىشى42ئەسلىسى :

 

بۇ جاھىل بىلىگسىز باھاسىز بېشى               

 

، يەشمىسى : )بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر

 

). بىلىمسىز نادانالر قىممەتسىز ياماقتۇر     

 

، .سۆڭۈككە يىلىگ تەگ ئەرەنكە بىلىگ43ئەسلىسى :

 

. ئەرەن كۆركى ئەقىل ئول سۆڭۈكنىڭ يىلىگ               

 

، بىلىگسىز يىلىكسىز سۆڭۈك تەگ ھالى               

 

. يىلىگسىز سۆڭۈككە سۇنۇلماز ئەلىگ              

Page 6: ebettl heqayiq-ilim pen

 

، يەشمىسى : )ئادەمدە بىلىم بولۇشى سۆڭەكتە ئىلىك بولغانغا ئوخشايدۇ

 

. ئادەمنىڭ زىننىتى ئەقىل بولسا ، سۆڭەكنىڭ ئىلىكتۇر               

 

، بىلىمسىز )كىشى( ئىلىكسىز سۆڭەكتەك كاۋاك بولىدۇ              

 

). ئىلىكسىز سۆڭەككە ھېچكىم قول ئۇزارتمايدۇ )ھالبۇكى(            

 

يۇقىرىقى مىسراالردا شائىر ئەدىب ئەھمەد پاساھەتلىك خەلق تىلىدىن ، فولكلوردىن ئۈنۈملۈك    پايدىلىنىپ ، ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىنى جانلىق ، چۈشىنىشلىك قىلىپ ، ئىلمىي يۈكسەكلىك دەرىجىسىگە كۆتىرىپ شەرھىيلىگەن . بىلىم – ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ بېشى ، سۆز – نۇتۇقنىڭ ئاساسى ، بىلىمسىزلىك نادانلىقتۇر ، بىلىمسىزلىك بىلەن قىلىنغان ھەرقانداق بىر ئىش ۋۇجۇدقا چىقماس ، بىلىم كىمدە بولسا بۈيۈكلۈك شۇنىڭدا بولۇر ، بىلىم بەخت –سائادەت يولىنى ئاچقۇچى تۈگىمەس بايلىق . ئادەمدە بىلىم بولغاندا ھەرقانداق قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ غەلىبىسېرى ئالغا قاراپ ماڭغىلى بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم – بىلىمگە ئۆزىنى باغالپ ، ئۆگىنىش ھەم ئۇنى تىرىشىپ ئىگىلەش الزىملىقى پەلسەپىۋى نۇقتىسىدىن تەسىرلىك چۈشەندۈرۈلگەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىلىملىك بىلەن بىلىمسىز كىشىنى روشەن سېلىشتۇرۇپ ، ئوخشىتىش ئۇسۇلىدىن دەل جايىدا پايدىلىنىپ بىلىملىك كىشىنى خۇددى قىممەتلىك دىنارغا ، يىلىكلىك سۆڭەككە ، بىلىمسىز نادانالرنى قىممەتسىز ياماققا ، يىلىكسىز كاۋاك سۆڭەككە ئوخشىتىدۇ . بۇنى

بىلىملىك كىشى نۇر چاقناپ تۇرغان گۈزەل التاپەتكە ، بىلىمسىز كىشى  باشقىچە تەسۋىرلىسەك ،خۇنۇك ، كۆزى ئوچۇق كورغا ئوخشىتىلغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ . مانا بۇالر ، داستان مۇئەللىپنىڭ جەمئىيەت ، ئىنسان ، بىلىم ، پەزىلەت توغرىسىدىكى ئېستېتىك قارىشى بولۇپ ، شائىر قەلبىدىن . ئۇرغۇپ چىققان يالقۇنلۇق مەرىپەت ئىدىيىسىنىڭ شېئىرى تىلدىكى خىتابىدۇر

 

شائىر ئەدىب ئەھمەد ئۆز دەۋرىدىال كۆزگە كۆرۈنگەن ، مەۋجۇد بىلىملەردىن تولۇق خەۋىرى بار   فازىل ئالىم ئىدى . شۇڭا ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئوبرازلىق تەپەككۇر ، بەدىئىي تەسەۋۋۇردىن ،

، ئوخشىتىش ،  خەلقنىڭ باي ئاغزاكى ۋە يازما ئەدەبىياتىنىڭ بەدىئىي ئۇتۇقلىرىدىنسىمۋولالشتۇرۇش ، سېلىشتۇرۇش ، كىنايە قاتارلىق ئىستىلىستىك ۋاسىتىالردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ ھەم ئۈنۈملۈك قوللىنىپ ، شېئىرىي مىسرالىرىنى مەزمۇنلۇق ھەم تۇيغۇلۇق پەللىگە

ۋە روشەن كۆتەرگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن داستاندا بىلىملىك بىلەن بىلىمسىزلىك تولىمۇ ئېنىقسېلىشتۇرۇلۇپ ، بىلىمسىزلىك مال – دۇنياسى ھەددى – ھېسابسىز ، كۈچى بەك زور بولسىمۇ ، ئۇ ھامان بىلىملىك ، پەزىلەتلىك كىشىلەردىن تولىمۇ تۆۋەن ، تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدىغانلىقى ،

ۋاقىت يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئالىي ھۆرمەتكە ئېرىشىپ بىلىملىكلەر ھەرئەتىۋارلىنىدىغانلىقى يارقىن گەۋدىلەنگەن . شۇنىڭدەك "بىلىمى چوڭ مىڭنى ، بىلىكى چوڭ بىرنى" . يېڭەلەيدىغانلىقىدەك ئىلمىي ھەقىقەتنى ئوبرازلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئىپادىلىگەن

 

Page 7: ebettl heqayiq-ilim pen

شائىرنىڭ ئاممىبابلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك ، تىلى يەڭگىل بولغان تۆۋەندىكى مىسرالىرى بۇ    8نۇقتىنى جانلىق ئىسپاتاليدۇ . مەسىلەن :

 

، . بىلىگ بىلدى ، بولدى ئەرەن بەلگۇلۇگ 44ئەسلىسى :

 

. بىلىگسىز تىرگلەيتۇك كۆرگۇلۇگ                

 

، بىلىگلىگ ئەر ئۆلدى ، ئاتى ئۆلمەدى               

 

. بىلىگسىز تىرىگ ئەركەن ئاتى ئۆلوگ              

 

، يەشمىسى : )ئادەم بىلىمى بىلەن تونۇلىدۇ

 

. بىلىمسىزلەر تىرىك تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ               

 

، بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ ، نامى تىرىك بولىدۇ               

 

). بىلىمسىزلەر تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدۇ              

 

، . بىلىگلىگ بىرىگە بىلىگسىز مىڭىن45ئەسلىسى :

 

. تەڭەگلى تەڭەدى بىلىگنىڭ تەڭىن               

 

، باقا كۆرگىل ئەمدى ئۇقا سىنايۇ               

 

Page 8: ebettl heqayiq-ilim pen

. نە نەڭ بار بىلىگ تەگ ئاسىغلىغ ئوڭىن              

 

، يەشمىسى : )بىر بىلىملىك مىڭ بىلىمسىزگە تەڭ كېلەلەيدۇ

 

. تەڭلەشتۈرگەندە بىلىمنىڭ سالمىقى ئايان بولىدۇ             

 

، ئەمدى ئەقلىڭ بىلەن بايقاپ كۆرگىن              

 

). بىلىمدىن پايدىلىق يەنە قانداق نەرسە بار              

 

، . بىلىگ بىرلە ئالىم يوقار يوقالدى46ئەسلىسى :

 

. بىلىگسىزلىك ئەرنى چۆكەردى قودى              

 

، بىلىگ يىند ئۇسانما بىل ئول ھەق رەسۇل              

 

. بىلىگ چېنىجە ئەرسەسىز ئارقاڭ دەدى             

 

، يەشمىسى : )ئالىمالر بىلىم بىلەن يۇقىرى كۆتىرىلدى

 

. بىلىمسىزلىك ئەرنى يەرگە چۆكۈردى              

 

، بىلىمنى زېرىكمەي ئىزدە ، شۇنى بىلگىنكى              

 

). ھەق رەسول : "بىلىم جۇڭگودا بولسىمۇ ئىزدەڭالر" دېگەن              

Page 9: ebettl heqayiq-ilim pen

 

، . بىلىگلىگ بىلىگنى ئەدەرگەن بولۇر47ئەسلىسى :

 

. بىلىگ تاتغىن ئاي دوست بىلىگلىگ بىلۇر              

 

، بىلىگ بىلدۇرۇر بىل بىلىگ قەدرىنى             

 

. بىلىگنى بىلىگسىز ئوتۇن نە قىلۇر           

 

، يەشمىسى : )بىلىمنى دائىم بىلىملىكلەر ئىزدەيدۇ

 

. بىلىم تەمىنى ئەي دوست ، بىلىملىك بىلىدۇ               

 

، بىلىڭكى ، بىلىم قەدرىنى بىلىم بىلدۈرىدۇ              

 

) بىلىمسىز ئەخمەق بىلىمنى نېمە قىلىدۇ ؟              

 

شائىرنىڭ يۇقىرىدىكى مىسرالىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن مۇالھىزە قىلساق كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ     گۈزەل جەمئىيىتىنى بەرپا قىلىش ، بەخت – سائادەتلىك يولنى ئېچىش ئۈچۈن بىلىملىك ، پەزىلەتلىك بولۇپ ، نادانلىقتىن قەتئىي ھەزەر ئەيلەپ ، ئەقىل – پاراسەت بىلەن ئىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ ، ھەمدە ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتى )زىننىتى( كىشىلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تاشقى قىياپىتى ياكى مال – دۇنياسىدىن ئەمەس ، بەلكى پىسخولوگىيىلىك ماھىيىتىدە شەكىللەنگەن ئەقىل – پاراسەت ، ئىلىم –بىلىم ۋە پەزىلەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق پەلسەپىۋى پىكرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن . ئۇنىڭچە ، بىلىم پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەنىۋىيىتىگە ئورتاق نەرسە ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ماھىيىتى ، روھىي ئازادلىقىنىڭ مەنبىئى ، ئۇنى پۈتكۈل جەمئىيەت كىشىلىرى تىرىشىپ

ۋە سۈپىتىگە زور ، ئىلىم – مەرىپەتلىك بولسا ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىشى ئۆگىنىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ ، دەپ قارىغان . بۇنى شائىر شەرھىيلىگەندە ، ئالىمالر ، بىلىملىكلەر ئىلىم – ئېرپانبىلەن جەمئىيەتتە تونۇلىدۇ ، يۇقىرى ئابروي ، ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ ، شۇڭا بىلىمنى ئەقىل – ئىدراك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەرگىز زېرىكمەي ئۆگىنىش ، بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇپ كىرىش ، بىلىم مەيلى قانداق جايدا )قايسى ئەلدە( بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شۇ يەرگە بېرىپ ، جاپا – مۇشەققەتتىن

دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە بىلىم  قورقماي ئۆگىنىش ، بىلىم ئىگىلەش الزىم ۋە قەدىرلەيدۇ . بىلىمسىز ئەخمەقلەر  ۋە بىلىملىكلەرنى پەقەت بىلىم ئەھلىلىرىال بىلىدۇ قەدرىنى

بۇنى ھەرگىز چۈشەنمەيدۇ ھەم چۈشىنىشى ئەسال مۇمكىن ئەمەس ، دەپ كىنايە قىلىش ئارقىلىق

Page 10: ebettl heqayiq-ilim pen

ۋە ئاۋام خەلقنى نادانالشتۇرىدىغان ، يورۇق دۇنيانى بىلىمسىزلىكنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە شەخسىنىزۇلىمەتكە ئايالندۇرىدىغان قاباھەتلىك ماھىيىتى بىلەن زىيىنىنى سېلىشتۇرۇپ ، بىلىمسىزلىك ، . نادانلىقنى دەل جايىدا كېلىشتۈرۈپ مەسخىرە قىلىدۇ

 

ۋە مەنىۋىيىتىگە شائىر تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىلىمسىز نادانلىقنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتى    كەلتۈرىدىغان ئېغىر زىيىنى ۋە ئاقىۋىتىنى ئۇنچىلىك ئىلمىي دەلىل – ئىسپاتالر ئارقىلىق ئوچۇق سۈرەتلىمىگەن بولسىمۇ ، دېداكتىزملىق بەدىئىي مېتود ئارقىلىق ، تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە مىسراالردا ئۆزىگە خاس شەكىل ، راۋان تىل ۋاسىتىسى بىلەن بىلىمسىزلىكنىڭ ماھىيەتلىك زىيىنىنى يارقىن

9 كۆرسىتىپ بەرگەن . مەسىلەن :  ئېچىپ

 

، . بىلىگسىزگە ھەق سۆز تاتىقسىز ئەرۇر48ئەسلىسى :

 

. ئاڭار پەند نەسىھەت ئاسىغىسىز ئەرۇر               

 

، نە تۇرلۇگ ئارىغسىز ئەرىر يۇماقىن            

 

. جاھىل يۇپ ئارىمىز ئارىغىسىز ئەرۇر            

 

، يەشمىسى : )بىلىمسىزگە ھەق سۆز تەمسىز بىلىنىدۇ

 

. ئۇنىڭغا پەند – نەسىھەت پايدىسىز تۇيۇلىدۇ                

 

، ھەرقانداق كىرنى يۇيۇپ تازىلىغىلى بولىدۇ             

 

). نادانلىق يۇيۇپ تازىلىغىلى بولمايدىغان كىردۇر )لېكىن(             

 

، . بىلىگلىگ كىشى كۆر بىلۇر ئىش ئودىن49ئەسلىسى :

 

Page 11: ebettl heqayiq-ilim pen

. بىلىپ ئىتەر ئىشنى ئۆكۇنمەز كىدىن               

 

، قامۇغ تۇرلۇگ ئىشتە بىلىگسىز ئوڭى              

 

. ئۆكۈنچ ئول ئاڭار يوق ئوڭ ئاندا ئادىن            

 

، يەشمىسى : )قارا ، بىلىملىك كىشى ئىشنىڭ پەيتىنى بىلىدۇ

 

. ئۇ ئىشنى بىلىپ قىلىدۇ ، كېيىن ئۆكۈنمەيدۇ               

 

، بىلىمسىز ھەممە ئىشتا ئۆكۈنىدۇ               

 

) . ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا قىسمەت يوق               

 

، . بىلىگلىگ سۆزى پەند نەسىھەت ئەدەب52ئەسلىسى :

 

. بىلىگلىگنى ئۆگدى ئەجەم ھەم ئەرب               

 

، تاۋارسىزقا بىلىگى تۇكەنمەز تاۋار              

 

. نەسەبىسىزقا بىلگى يىرىلمەز نەسەب              

 

ۋە ئەدەبتۇر يەشمىسى : )بىلىملىكنىڭ سۆزى پەند – نەسىھەت ،

 

. بىلىملىكنى ئەجەممۇ ، ئەرەبمۇ ماختىدى               

Page 12: ebettl heqayiq-ilim pen

 

، مۈلۈكسىزگە بىلىم تۈگىمەس مۈلۈك              

 

). نەسەپسىزگە بىلىم ئۈزۈلمەس نەسەپ              

 

ئەھمەد يۈكنەكى بۇ مىسرالىرىدا ھەق سۆزنىڭ )ھەقىقەتنىڭ ( بىلىمسىزلەرگە نىسبەتەن       تېتىقسىز ، تەمسىز ، ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق ، قۇرۇق نەرسە بولۇپ تۇيۇلىدىغانلىقى ھەم ئانداقالرغا

ۋە ھەقىقەت توغرىسىدىكى پەند – نەسىھەتلەرنىڭ قىلچە كار قىلمايدىغانلىقىنى كىنايە مەرىپەتقىلىش بىلەن ئېچىپ بېرىدۇ . يەنە مەنىۋىيەتتىكى بىلىمسىزلىك ، نادانلىق كىرىنى يۇيۇپ تازىالش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر ئارقىلىق روشەن كۆرسىتىپ ، كىشىلەرنى بىلىمسىز ، نادان بولماسلىق ئۈچۈن ئاگاھالندۇرىدۇ . ئارقىدىنال تەسىرلىك مىسرالىرىدا بىلىملىكلەر ھەرقانداق ئىشنى ئالدىن پەملەپ ، ئەقىل – ئىدراك بىلەن ئىدىتىغا يەتكۈزۈپ قىلىدىغانلىقى ھەمدە قىلغان ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىلىك ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ، بىلىمسىز ، نادان كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق بىر جايدا قىلغان بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسى چىقمايدىغانلىقىنى جانلىق سېلىشتۇرۇپ ، بىلىملىك بىلەن بىلىمسىزلىكنىڭ . ماھىيەتلىك پەرقىنى ئىخچام پىكىرلەر ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىدۇ

 

مۇئەللىپ خۇددى يۇقىرىدا مىسالالردا كۆرسەتكەندەك ، خاتىمە ئورنىغا بېرىلگەن "ئىلىم –      ۋە ھەرقانداق ئەل مەرىپەت" ھەققىدىكى شېئىرى ھېكمەتلىرىدە بىلىملىكلەرنى ھەرقانداق ئادەم

خەلقى ماختاپ مەدھىيلەيدىغانلىقى ھەم يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ئەتىۋارلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىلىمنىڭ مۈلۈكسىزلەرگە تۈگىمەس مۈلۈك ،نەسەبىسىزلەرگە ئۈزۈلمەس . نەسەب ئىكەنلىكىنى شېئىرىي تىل بىلەن خىتاب قىلىدۇ . بىلىمنىڭ ئېسىل خاسىيىتىنى چۈشەندۈرىدۇ

 

ئومۇمەن ، شائىر ئەھمەد يۈكنەكى بىلىم ، مەرىپەت ، پەزىلەتلىك بولۇشنى ئۆزىنىڭ ئېستېتىك    غايىسىگە سىڭدۈرۈپ ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كېلىچىكى ، ئىستىقبالى ، بەخت – سائادىتىگە باغالپ تەپەككۇر قىلىدۇ . بىلىمنى يول كۆرسەتكۈچ ماياك ، قۇدرەتلىك كۈچ دەيدىغان تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەم ئۇنى قىزغىن مەدھىيلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە بىلىمسىزلىك ، نادانلىقنىڭ مىللەتكە ئاپەت ، ۋەتەن ، خەلققە كۈلپەت ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە مۆلچەرلىگۈسىز ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرىدىغانلىقىنى رېئال ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋى مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق كۆزىتىش ،

ئالدىن مۆلچەرلىيەلىگەنلىكىنى ، شۇنداقال بىلىمسىزلىك ، نادانلىققا قارىتا  تەھلىل قىلىش ئارقىلىق . قاتتىق نەپرەتلىنىش تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بايقاشقا بولىدۇ

 

ئىلىم – مەرىپەت"لىك بولۇش ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى ماھىيەتلىك ھادىسە ، ئىنسان "      ئەقلىنىڭ مېۋىسى ، مەنىۋى ھاياتنىڭ ئوزۇقى . ئىلىم – بىلىم بولغاندا ئىلىم – پەن ، جەمئىيەت

دەيدىغان قاراشالر خېلى بۇرۇنال دۇنياۋى تېما سۈپىتىدە ھەرقايسى ئەل  تەرەققىي قىلىدۇمەدەنىيەت ، تارىخ سەھىپىلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى . بۇ خىل ئىلىم – مەرىپەت ئىدىيىسى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىن ئالغاندىمۇ مەيلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ، مەيلى قاراخانىالر

بولسۇن ، 10نەمۇنىلىرى خانلىقى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن مۇنەۋۋەر فولكلور ۋە يازما ئەدەبىياتبۇالردا ئىلىم – مەرىپەت ئىدىيىلىرى ئەنئەنە سۈپىتىدە گەۋدىلىنىپ ، ئۆزىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە

Page 13: ebettl heqayiq-ilim pen

مەيدانغا كەلگەن ئەدىب ئەھمەدنىڭ "ئەتەبەتۇلھەقايىق" ، رابغوزىنىڭ "قىسسەئى رابغوزى"سىغا ۋە ۋە شائىر ، يازغۇچىالرنىڭ ئەتايى ، سەككاكى ، لۇتفى ، نەۋائى ، نىزارى ،نازىمى قاتارلىق ئەدىب

مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىگە ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىمۇ ئەنە شۇ نۇقتىنى . يەكۈنلەيدۇ

 

خۇالسە قىلغاندا ، ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلىم – پەن بىلىملىرىدىن    تولۇق خەۋىرى بار ، ئىنسان كامالىتى ۋە بەخت – سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھەم دۇنيانى

ۋە شەرھىيلىگۈچى ئىنسان سۈپىتىدە خۇددى شەرق مەدەنىيىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر بىلگۈچىئەدەبىياتى تارىخىدا ئىلىم – بىلىمنى قورال قىلىپ بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان ئۇلۇغ ئالىم فارابى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇد قەشقىرىدەك ئۇلۇغ ئەدىب ، مۇتەپەككۇر ، ئۇلۇغ گۇمانىزمچى

ۋەكىللىك ئەسىرى "ئەتەبەتۇلھەقايىق" خۇددى "قۇتادغۇبىلىك" ، "تۈركىي تىلالر شائىر . ئۇنىڭدىۋانى"غا ئوخشاش ئېلىمىز جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى تارىخىدا تىكلەنگەن يەنە بىر ئابىدە . ھېسابلىنىدۇ

 

ئەتەبەتۇلھەقايىق" نىڭ مۇالھىزىسىگە نەزەر تاشلىساق : ئۇ ھەرگىزمۇ نوقۇل دىنىي "       ئەقىدىلەرنى تەشۋىق قىلىدىغان دېداكتىك خاراكتېرىدىكى ئەسەر بولماستىن ، بەلكى دۇنياۋى ھاياتنىتەرتىپكە سېلىشتىكى پەلسەپىۋى قاراشالرنى بايان قىلىش بىلەن ئوي – پىكىرلەرنى ئابستراكت

ۋە يۇقىرى قىممەت ياراتقان تۈزەش جەھەتتە ئاالھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇبداستان . مۇنداقچە ئېيتقاندا ، مەزمۇنى جەھەتتىن ئۆزىگە كەڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تېماتىك مەزمۇن قىلغان "قۇتادغۇبىلىك" داستانىدىن كەسكىن تەرىزدە ئاجرىلىپ تۇرىدۇ . مىسالى :

كۆپىنچە خىسلەتلىك شەخسلەر  "قۇتادغۇبىلىك"تە ئىپادىلەنگەن ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋى پىكىرلەرئارقىلىق ئەمەلىي تۇرمۇش ، مەئىشەت مەسىلىلىرى ھەققىدە بايان قىلىنسا ، "ئەتەبەتۇلھەقايىق"دا ئىلىم – مەرىپەت ، پەزىلەت ئۈستىدە سىمۋوللۇق پىكىر يۈرگۈزۈلۈپ ، تۇرمۇشنىڭ مەنىۋى ئەخالقىيتەرەپلىرى بولۇپمۇ "بىلىم ، ئەخالق ، ئادالەت" چۈشەنچىسى ماھىيەتلىك مەسىلىلەر قاتارىدا . يۈكسەك بالداققا كۆتىرىلىپ بايان قىلىنىدۇ

 

داستان ئەرەب ، پارس تىللىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە "چاغاتاي تىلى" دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر     يېقىنقى زامان ئەدەبىي تىلى شەكىللىنىۋاتقان دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولسىمۇ ، ئۇنىڭدا چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي ئىستىاللىرى ۋە شۇ دەۋرلەردە كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان سوپىزم ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمەيدۇ . ئەمما "قۇتادغۇبىلىك" داستانىغا قارىغاندا خېلى دېموكراتىك پىكىرلەرنى . يازغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ

 

ۋادىسىدا ئورتاق ئەسىردە پەرغانە      داستاننى چوڭقۇرالپ ، تەتقىق قىلىپ كۆرگىنىمىزدە ، ئۇ     ئەدەبىي تىللىق رولىنى ئۆتىگەن مۇھىم ھۆججەت بولۇپال قالماي ، بەلكى "قۇتادغۇبىلىك" تىلى

باغالشتا مۇھىم ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللەنگەن "چاغاتاي تىلى"نى ئۆزئارا             بىلەن . كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان مەشھۇر داستان

 

داستاننىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى كۈچلۈك تەسىرچانلىقىدا كۆرىلىدۇ ، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر      شائىر ئەلشىر نەۋائى ئۆزىنىڭ "نەسەئىمۇل مۇھەببەت" )"مۇھەببەت شاماللىرى"( دېگەن ئەسىرىدە ئەدىبنى ئوتتۇرا ئاسىيا شەيخلىرى قاتارىدا ساناپ ئۆتۈپ ، ئۇ توغرىسىدا ئاالھىدە توختىلىشتىن سىرت

Page 14: ebettl heqayiq-ilim pen

، سۇلتان ھۆسەيىن بايقارانىڭ ئوغلى بەددىئۇز زامانغا يازغان خەتلىرىدە "ئەتەبەتۇلھەقايىق" داستانىدىن بىرنەچچە مىسراالرنى مىسال كەلتۈرۈپ يازغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ . شۇنىڭدەك ، "سەددى ئىسكەندەر" داستانىدىكى بىر نەچچە مىسرا ئۇنىڭدىن ئېلىنغان قاپىيىنى ئەينەن قوللىنىدۇ .

بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، "ئەتەبەتۇلھەقايىق" داستانىنىڭ ئۆزىدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ياشاپ ئىجاد 11ئەتكەن ئەلشىر نەۋائى قاتارلىق شائىر ، يازغۇچىالرغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر قىلغانلىقىنى . مۇالھىزىسىز ئىسپاتاليدۇ ، خاالس

 

قىسقىسى ، داستان پۈتكۈل تۈركىي تىللىق خەلقلەرئەدەبىياتى تارىخىدا جۈملىدىن ئۇيغۇر       ۋە يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولۇپ ، تىل ، ئەدەبىيات ، ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە

ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخ تەتقىقاتى ئۈچۈن بىرىنچى قول ماتېرىيال بوالاليدۇ . ئېلىمىزخەزىنىسىدىكى ئېسىل مەدەنىي يادىكارلىق ھېسابلىنىدۇ . بولۇپمۇ ، ئۇنىڭ كونكرېت تېماتىك مەزمۇنلىرىدا تەسىرلىك ئىپادىلەنگەن ئىلىم – پەن ئىگىلەش ، تىل گۈزەللىكى ، ئەخالقىي پەزىلەت ، مەردلىك ، ئادىللىق ، سېخىيلىق توغرىسىدىكى دۇنياۋى تېمىالر كىشىلەر قەلبىنى ئۆزىگە كۈچلۈك

ئەسىردىن بۇيان شەرق خەلقلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان تېمىلىرىغا                مەھلىيا قىلىپ ،ئايالنغانىدى . داستاندىكى ئىلىم – بىلىم ئىگىلەش ، ئۇنى تىرىشىپ ئۆگىنىش ، مەرىپەتلىك بولۇش ، بىلىمنىڭ پايدىسى ، بىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى ۋە ئاقىۋىتى توغرىسىدىكى ئىخچام ، ئوبرازلىق شېئىرىي مىسراالر شائىر قەلىمى ئاستىدا يېزىلغان جاراڭلىق خىتاب بولۇپ ، ئۇ ئەينى دەۋر مەنىۋىيىتىنى گۈللۈندۈرۈشتە ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولدى . شۇنداقال بۈگۈنكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان

ۋە چوڭقۇر ئىلمىي تەربىيىۋى زاماندىمۇ پەن – مەدەنىيەت ، مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۈرتكە . ئاساسقا ئىگىدۇر

 

ئاخىرىدا ، شائىر ئەدىب ئەھمەدنىڭ "ئىلىم – مەرىپەت" توغرىسىدىكى جاراڭلىق خىتابىغا      ۋە ھېسسىيات ئاساسەن شۇنى خىتابەت قىلىپ ئۆتىمەنكى ، "ئىنسان – تەپەككۇر قۇياشى

سەييارلىرى تۈپەيلى ، ئۆز روھىيىتى ۋە ئۆز ھاياتىنى كامالەتكە يۈزلەندۈرەلەيدىغان مۇجەسسەم يەنە خۇددى ئېنگېلس ئېيتقاندەك : "تەبىئەت پەقەت ئىنسان 12ئىقتىدارلىق ئىجتىمائىي ھايۋان ."

شۇڭا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقىدەك 13ئارقىلىقال ئۆزىنى بىلىشكە مۇيەسسەر بواللىغان ." يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان باسقۇچقا كېلەلىشى ئىنسانالرنىڭ ئۇزاق زامانالردىن بېرى ئاڭلىق ، مەقسەتلىك ، پىالنلىق ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى . بۈگۈنكىدەك ئىلىم – پەن ، مائارىپ ، مەدەنىيەتنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىاللىشىمۇ ئىنسانالرنىڭ ئەنە شۇنداق ئىجادىي مېھنىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر . بۇنىڭ تۈپ يىلتىزى بىلىم . بىلىم بولمىسا ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىي

ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس . شۇنىڭ ئۈچۈن قىلىپ گۈللىنىشى ، ھېچقانداق بىرەر ئىشنىڭ ھازىرقىدەك ئەلۋەك شارائىتنىڭ قەدىرىگە يېتىپ ، خۇددى شائىر ئەدىب ئەھمەي يۈكنەككە ئوخشاش

ۋە ھەقىقىي بىلىمنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، ئۇنىڭ قەدىرىگە يېتىپ ، ھەم ئۇنىڭ رېئال ھاياتىي كۈچىماھىيىتىنى چۈشىنىپ ، كەلگۈسى ئەۋالدالرغا زور بەخت يارىتىش ئۈچۈن ياشلىقىمىزدىن باشالپال ئىلىم – بىلىمنى زېرىكمەي – تېرىكمەي ئۆگىنىشىمىز الزىم . شۇنداقال شائىرنىڭ ئۆز داستانى "ئەتەبەتۇلھەقايىق"تا ئىپادىلەنگەن ئىلىم – مەرىپەتلىك بولۇش ، پەزىلەتلىك بولۇش ئىدىيىسى بىلەن

ۋارىسلىق قىلىشىمىز ھەم بۇ خىل ئوپتىمىستىك روھقا تولغان گۈزەل غايىسىگە ھەقلىق يوسۇنداۋە تەتقىق تەرەققىپەرۋەر گۇمانىزملىق ئىدىيىسى بىلەن ئېستېتىك قاراشلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز

. قىلىشىمىز الزىم

 

 

 

Page 15: ebettl heqayiq-ilim pen

: ئىزاھاتالر

 

    1 . " – بەتتە ئەھمەد يۈكنەكىنى 738 – يىل ، چىڭدۇ نەشرى ، 1994جۇڭگو ئىسالم قامۇسى" – يىلالردا ياشىغان دەپ كۆرسەتكەن . غ . ئوسمان "ئۇيغۇر كالسسىك 1180 - ؟1100مىالدى ؟

– بەتتە بۇ يىلنامىنى قولالنغان . 282 – كىتاب ، 1 – يىل 1996ئەدەبىياتى قىسقىچە تارىخى" يۈكنەك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر جاينىڭ نامى . ھازىر بۇ يەر قەيەردە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس . ئاپتور . بۇ جاي نامىنى ئۆزىگە ئەدەبىي تەخەللۇس قىلغان

 

نۇسقا(  پروفېسسور ئە . ي . بىرتىلىس : "ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ )ھىبەتۇلھەقايىق( داستانى" ) . 2     بابقا بۆلىنىدۇ دەپ كۆرسەتكەن . )"بۇالق" ژۇرنىلى ،11 بېيت ، 235ناملىق ماقالىسىدا ، بۇ داستان

. – بەتكە قارالسۇن(261 – سان ، 3 – يىل 1981

 

مىسرادىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ئۇنىڭغا كېيىن ئەمىر سەيغەددىن ، بۈيۈك 484داستان . 3    ئەمىر ئارسالن خوجا ئارسالن خوجا تارقان قاتارلىقالر تەرىپىدىن ئىالۋە قىلىنغان ئۈچ پارچە شېئىرنى

. مىسرا بولغان512قوشقاندا ، ھەممىسى بولۇپ

 

– يىلى زەينۇل ئابىدىن ، سۇلتان بەخت ، ھۇسەيىن قاتارلىقالر تەرىپىدىن 1444نۇسقا    . 4      – يىلى ئابدۇلرازاق قاتارلىقالر تەرىپىدىن ئىستامبۇلدا 1480 نۇسقا    سەمەرقەنتتە كۆچۈرۈلگەن .

ۋە كۆچۈرگۈچىسى ۋاقتى نۇسقا ئىستامبۇلدا كۆچۈرۈلگەن ، ئەمما كۆچۈرۈلگەن    كۆچۈرۈلگەن . . ئېنىق ئەمەس

 

     5 . " – 62 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 1980ئەتەبەتۇلھەقايىق" بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ، . – بېتىگە قارالسۇن139بەت ،

 

    6 . " – بەتكە278 – سان ، 3 – يىل ، 1981بۇالق" مەجمۇئەسى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، . قارالسۇن

 

     7 . " –18 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 1980ئەتەبەتۇلھەقايىق" بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ، . – بەتلەر20 – 19

 

     8 . " –20 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 1980ئەتەبەتۇلھەقايىق" بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ، . – بەتلەر21

Page 16: ebettl heqayiq-ilim pen

 

     9 . " –22 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 1980ئەتەبەتۇلھەقايىق" بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ، . – بەتلەر23

 

    10 . " – يىل ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، ئۇيغۇرچە 1995ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى" ، – بەتلەرگە ، "ئۇيغۇر كالسسىك ئەدەبىياتى تىزسلىرى" ، مىللەتلەر نەشرىياتى154 – 153نەشرى ،

1984 – بەتكە ، "قۇتادغۇبىلىك" ، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 282 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 1987، . – بەتلەرگە قارالسۇن105 - ،73 – ، 71– يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ،

 

– كىتاب .2 – يىل ، 1996غ . ئوسمان "ئۇيغۇر كالسسىك ئەدەبىياتى قىسقىچە تارىخى" . 11       . – بەتكە قارالسۇن402

 

ئا . مۇھەممەتئىمىن "قاتالملىق ئېستېتىكا ھەققىدە بايان" ، شىنجاڭ داشۆ . 13 . 12      . – بەت1 – يىل ، ئۇيغۇرچە نەشرى ، 1994نەشرىياتى ،

 

. ـ سان1 ـ يىل 1988مەنبە: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇركىلى

 

1

قىنى مەرھەمەتتىخىمۇ كۆپ ماتىرىيالالرنى دەۋىر بىلوگىدىن تاپااليسىز !